رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەسىمى 114 نەپەر دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق رەھبەرلىرىنىڭ سۈرەت توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمە گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ھەپتە سىتوكھولمدا بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە دۇنياغا تونۇلغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن نېلسون ماندىلا، كوفىي ئاننان، دالاي لاما، شىرىن ئادابىي قاتارلىق 114 نەپەر رەھبەر ۋە پائالىيەتچىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان. كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەسىمىمۇ ئورۇن ئالغان.

مەزكۇر كۆرگەزمە گۇرۇپپىسىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا يازغان تەبرىك خېتىدە بايان قىلىنىشىچە، رابىيە خانىمنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىمى، ئۇ 2010‏-يىلى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» ناملىق پائالىيەتكە قېتىلغان مەزگىلدە، شىۋېتسىيەدىكى داڭلىق فوتوگراف ئالبەرت ۋىكىڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى تېرېسا كارىلسون خانىم تەرىپىدىن تارتىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز» نامىدىكى مەزكۇر كۆرگەزمە 2016 ۋە 2018-يىللىرى ئارىسىدا شىۋېتسىيەدە سەييارە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىمۇ كۆرسىتىلىدىكەن.