رابىيە قادىر ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۆزبېك تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا

19 - ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۆزبېك بۆلۈمى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنى زىيارەت قىلىپ، مەخسۇس تېلېۋىزىيە سۆھبىتى پروگراممىسى تارقاتتى. «رابىيە قادىر: خەلقىم كۈرەشنى داۋام قىلىدۇ» ماۋزۇلۇق مەزكۇر تېلېۋىزىيە سۆھبىتىنى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئاتاقلىق مۇخبىرى ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىسى يېتەكچىسى نەۋباھار ئىمانوۋا ئۆتكۈزگەن.

نەۋباھار ئىمانوۋا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن رابىيە قادىر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلىنىڭ يېقىنلىقى تۈپەيلىدىن مۇخبىرنىڭ ئۆزبېك تىلىدا سورىغان سوئاللىرىغا بېرىلگەن رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرچە جاۋابلىرى نەق مەيداندىن كۆرسىتىلگەن بولۇپ، رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان سىياسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگەن.

يېرىم سائەت ئەتراپىدىكى بۇ سۆھبەت يەنە رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىقمۇ تارقىتىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۆزبېك بۆلۈمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە دائىم تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشكە دىققەت ئاغدۇرغان بولۇپ، رابىيە قادىردىن باشقا يەنە، دولقۇن ئەيسا، ئالىم سېيىت ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكا ئاۋازى ئۆزبېك پروگراممىلىرىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.