خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، 2022-يىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يازغۇچىلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بۇ دوكلاتتا دۇنيا بويىچە 115 يازغۇچىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
دوكلاتتا ئۇيغۇر ئالىمە، فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتمۇ بار بولۇپ، «ئۇيغۇرلاردىن داڭلىق ئىنسانشۇناس راھىلە داۋۇت 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غايىپ قىلىۋېتىلدى» دېيىلگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يازغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ قەستلەنگەن ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يازغۇچىلار ھەقىقەتنى سۆزلەش، ئەركىن پىكىر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغانلار، پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى، يېڭى دۇنيانىڭ ئۈمىدى ھېسابلىنىدىغان كىشىلەر ئىكەن.
راھىلە داۋۇت فولكلۇرشۇناسلىق، ئۇيغۇر مازارلىرى تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ۋە خەلقئارا فولكلور تەتقىقاتى ساھەسىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئىدى. ئۇ 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن. شۇندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى راھىلە داۋۇت ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تەقدىرى ھازىرغىچە نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا.
