ئامېرىكادىكى «دىيالوگ فوندى» تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.
مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ 21-سېنتەبىر كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار بۇ ئۇچۇرنى خىتاينىڭ بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن ئىگىلىگەن. مەزكۇر خىتاي ئەمەلدارنىڭ دەلىللىشىچە، راھىلە داۋۇت تۇتقۇن قىلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2018-يىلى 12-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك»، يەنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر كەلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان ۋە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. راھىلە داۋۇت بۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەرزى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
«دىيالوگ فوندى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پروفېسسور راھىلە داۋۇت ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سىياسىي ھوقۇقىدىنمۇ ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىنغان.
راھىلە داۋۇت ئۇيغۇر فولكلورى ۋە مازار تەتقىقاتى ساھەسىدە خەلقئارالىق شان-شەرەپكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر بىلىم ئادىمى ئىدى. ئۇ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەي كەلگەن ئىدى. 2021-يىلى 6-ئايدا رادىيومىز ئۇنىڭ تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.
«دىيالوگ فوندى» نىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى پروفېسسور راھىلە داۋۇتقا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى ئىشەنچلىك مەنبەنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
«دىيالوگ فوندى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جون كامم (John Kamm) پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى «مىسلىسىز پاجىئە» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە «ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئىلىم-پەن ئەركىنلىكنى قەدىرلەيدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش» دېگەن.
راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئەڭ يېڭى ئۇچۇر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.