خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ۋە خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسىدە قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان. خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ئىككى كۈندىن بېرى مەزكۇر ۋەقەنى ئارقا ئارقىدىن خەۋەر قىلىشماقتا، شۇنداقلا خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈشمەكتە. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 22-سېنتەبىر كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، راھىلە داۋۇتنىڭ دېلوسى «ھۆكۈمەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمىنى گەۋدىلەندۈرىدىغانلىقى»، ھەتتا بۇ ھەرىكەتتە «سىستېمىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ھۆكۈمەت زىيالىيلىرىنىڭمۇ نىشان قىلىنغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرېي شەجەۋىسكىينىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ دەلىللىنىشى، بىزنى توختاپ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئائىلە ھاياتىغا كەلتۈرگەن بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدە ئويلاندۇرۇشى كېرەك» دېيىلگەن. «ۋول سچېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 22-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان راھىلە داۋۇتنىڭ كەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكى، 2017-يىلدىن بېرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر ئېلىنالماي كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى «دىئالوگ فوندى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 21-سېنتەبىر كۈنى راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ دېلو خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپلا قالماي، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىغان. جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد «تۋىتتېر»، يەنى ھازىرقى خ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشى تېررورلۇق، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياكى نامراتلىققا ئالاقىدار، دەپ چۈشەندۈرۈشىنىڭ ئىنتايىن بىمەنە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى» دېگەن.