لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى توغرىلىق بايانات ئېلان قىلدى

ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى جەزملەشكەن پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنى دەرھال قويۇپ بېرىش توغرىلىق بايانات ئېلان قىلغان.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت 27-سېنتەبىر كۈنى راھىلە داۋۇت توغرىلىق ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا، «بىز ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيە مۇتەخەسسسىسى، پىروفېسسور راھىلە داۋۇتقا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇردۇق» دەپ يازغان.

باياناتتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ئۇيغۇر فولكلورى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن كەڭ تونۇلغان پىروفېسسور راھىلە داۋۇت، ئىلگىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) بىلەن بىر قىسىم تەتقىقات تۈرلىرىدە ھەمكارلاشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، بىز ئۇنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

مەزكۇر باياناتتا يەنە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىلىم-پەن ئەركىنلىكىنى قوغداش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى «دىيالوگ فوندى» ئالدىنقى ھەپتە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇمات ئاساسىدا، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە خىتايغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىماقتا.