تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇت 2017-يىل 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايب قىلىۋېتىلگەنىدى. 23-نويابىر كۈنى، ئامېرىكادا چىقىدىغان تورىدا رۇز ئىنگرەم (Ruth Ingram)ئىسىملىك ئاپتورنىڭ «ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت نەدە؟» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 386 نەپەر ئالىم ۋە تەتقىقاتچى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا سولانغان ياكى تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىز-دېرەكسىز غايب قىلىۋېتىلگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتەر ئاستىدا ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە راھىلە داۋۇت 2020-يىللىق «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى يازغۇچى-تەتقىقاتچىلار چەت ئەلدە ئېرىشكەن شان-شەرەب ھېسابلىنىدىكەن. راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات ۋاشىنگتوندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگېستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئانىسىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئىزچىل تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ بۈگۈنگىچە خەۋەر ئالالمىغان؛ ئالدىنقى ھەپتە ئۇ توردا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا ئانىسىغا ۋاكالىتەن «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان.
بۇ ماقالىدە ئاپتور راھىلە داۋۇتنى ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ شەخسىي ھاياتى، فولكلور تەتقىقاتى، خاراكتېرى، مەيدانى، قىزىقىشى ۋە كۆز قاراشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇ يەنە ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ دىنىي ئەسەرلەرنى يوقىتىشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى، شۇ قاتاردا راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق كىتابىنىڭمۇ يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، راھىلە داۋۇت بۇ يامان ۋەزىيەتنى كۆرۈپ يەتكەن بولسىمۇ، ئۆزى ئەزەلدىن ھۆكۈمەتكە قارشى گەپ قىلىپ باقمىغاچقا بېشىغا بۇنداق ئىشلارنىڭ كېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى «ئۆتكۈنچى شامال» دەپ ئويلىغان. ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ قەبھى پىلانىنى تۈزۈپ بولغاچقا، نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتارىدا راھىلە داۋۇتقىمۇ زىيانكەشلىك قىلغان.