خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 2023-يىللىق «جاسارەت مۇكاپاتى» (2023 PEN international writer of courage) نى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتقا بەرگەن.
ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، راھىلە داۋۇت بۇ مۇكاپاتقا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ PEN Pinter مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان مايكول روسېن تەرىپىدىن لايىق كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇ راھىلە داۋۇتنى پىكىر ئەركىنلىكىنى ئاكتىپ قوغدايدىغان خەلقئارالىق يازغۇچىلار تىزىملىكىدىن تاللىۋالغان ئىكەن.
مايكول روسېن ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدىغان راھىلە داۋۇتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا تاشلىنىشىنىڭ كىشىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى، بۇ مۇكاپات ئارقىلىق ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىش مۇراسىمى لوندوندىكى بۈيۈك بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مۇكاپاتنى راھىلە داۋاۇتقا ۋاكالىتەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى راچىل ھاررىس خانىم قوبۇل قىلغان.
يېقىندا ئامېرىكادىكى دىيالوگ فوندى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇمات ئاساسىدا، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە خىتايغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان ئىدى.