ئۇيغۇر دىيارى ۋە خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، پىروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى يېقىندا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكىلەر ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغان گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» 1-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىدە راھىلە داۋۇتنىڭ دېلوسىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا تۇنجۇقتۇرۇلغان يەنە بىر سادا» دەپ يەكۈنلىگەن.
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنى «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت» دەپ جار سېلىپ كەلگەنلىكى، ئەمما رېئاللىقتا قانۇننى قورال قىلىۋالغان پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ بۇ دۆلەتنى زۇلۇم ئاساسىدا باشقۇرۇپ كەلگەنلىكى، راھىلە داۋۇتنىڭ مەسىلىسىدە بۇ ھالنىڭ بەكمۇ روشەن ئەكس ئەتكەنلىكى شەرھىيلەنگەن. بولۇپمۇ راھىلە داۋۇتنىڭ فولكلور تەتقىقاتىنى «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە ھاكىمىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىش جىنايىتى» دەپ بېكىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەت بىر تۈرلۈك باھانە ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ قىرغىنچىلىقنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رەيھان ئەسەتنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاتلانغاندا شۇ جەمئىيەتتىكى ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئەڭ زور شىجائەت كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرنى نىشان قىلىدۇ. چۈنكى بۇ كىشىلەر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ غۇرۇرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تىرىشىۋاتقانلاردۇر» دېيىلگەن.
ماقالىدە راھىلە داۋۇتنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلۈش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىنى «تېررورلۇققا، ئاشقۇنلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» دەپ پەردازلاپ كېلىۋاتقانلىقى، يېقىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بېرىپ، نۆۋەتتىكى سىياسىي تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر ۋە ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورسى 3-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ راھىلە داۋۇت ۋە باشقا ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى شەرتسىز قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.