نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان سابىق ئۇيغۇر دوختۇر ئەنۋەر توختى تەكلىپكە بىنائەن تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا نەچچە ئون يىللاپ داۋاملاشتۇرغان ئاتوم سىنىقى ۋە ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش قىلمىشىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى.
رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنۋەر توختى لېكسىيە جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئايرودروملارنىڭ بىرىدە تەسىس قىلىنغان «ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش تېز يولى» ھەققىدىكى رەسىملىك تاختاينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خەلقئارانى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
ئۇ يەنە ئۆتكەن ئەسىردە ئۇيغۇرلار دىيارىدا نەچچە ئون يىللاپ داۋاملاشقان يادرو سىنىقىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا راك كېسەللىكلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەنۋەر توختى لېكسىيە جەريانىدا تەيۋەندىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدە بەكمۇ يۈزەكى چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا تونۇشلۇق بولغان «ئۇيغۇرلار-ناخشا ئۇسسۇل مىللىتى» دېگەن ئومۇمىي تەسۋىرنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ جىددىي سىياسىي ۋەزىيىتىنى ھېچقانچە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئەخلەت مەيدانى، تەجرىبە مەيدانى، ئورگان كۆچۈرۈشنى سىناق قىلىش تەجرىبىخانىسى قاتارلىق سورۇن قىلىۋالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.