پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى باشلىدى.
چەت 'ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن - ئازادە رامىزان ئېيىنى باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى روزىسىنى تۇتۇشقا باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا، ئامېرىكا، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى 28 - ئىيۇن كۈنى روزا تۇتۇشنى باشلىغان بولسا، يەنە كۆپ بىر قىسىمى 29 - ئىيۇن باشلىغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى 28 - ئىيۇن كۈنى، يەنە بىر قىسىمى 29 - ئىيۇن كۈنى روزا تۇتۇشنى باشلىغان.
«11 ئاينىڭ سۇلتانى» دەپ ئاتالغان رامىزان ئېيىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەت، خەير - ساخاۋەت ھەمدە ئۆزئارا قېرىنداشلىق، دوستلۇق، تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىق تۇيغۇنلىرىنى كۈچەيتىش ئېيى ئىكەنلىكى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يەكۈنىچە، 30 كۈنلۈك روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاچلىق، ئۇسسۇژلۇقنىڭ تەمىنى تېتىپ، ئاچلىق، يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشىغان ئىنسانلارغا ياردەم بېرىش، ئىنسانلار ئارا ئۆزئارا كۆيۈنۈش ھەم مېھرى - مۇھەببەتنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.
بۇ يىللىق رامىزان ئېيى تومۇزنىڭ ئەڭ ئىسسىق ۋە كۈننىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، روزا تۇتۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ھېسابلىنىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ھەرقايسى غەرب مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا روزا تۇتۇش، رامىزان ئېيىنى قەدىرلەش ئەنئەنىسى كۈچىيىشكە باشلىغان.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كوللېكتىپ ئىپتارلاش قاتارلىق ئادەتلەر كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىرلىك، ئۆملۈك تۇيغۇسى ۋە ئۆز مىللى ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشتا پايدىلىق ئىكەن. نۆۋەتتە، ھەر قايسى جەمئىيەتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىپتارلاش پائالىيەتلىرى باشلىنىپ كەتكەن.