يوپۇرغا بىلەن قۇتۇبى ناھىيەسى رامىزاندا يەنە دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق تەقىپ قىلىشقا دائىر ئۇقتۇرۇش چىقارغان

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يوپۇرغا بىلەن قۇتۇبى ناھىيەلىرىدىكى يېزا-كەنتلەردە رامىزانلىق تەكشۈرۈش ۋە تەقىپ قىلىش كۈچەيتىلگەن. يوپۇرغا ناھىيەسى تۆۋەن ئەشمەن كەنتى يېقىندا تارقاتقان يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ رامىزانلىق قارارىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، كەنتتىكى پۇقرالارنى ھەر خىل«رادىكاللىق» خائىشلارنى، تېررورلۇق سىنى كۆرگەنلەرنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كېچىلىك چارلاشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان.

كەنتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىشىچە، رامىزان جەريانىدا كەنت بويىچە ھەر كۈنى كۈندۈزى 10 كىشى نۆۋەتچىلىك قىلىش، كېچىسى 20 كىشى نۆۋەتچىلىك قىلىش، ھەر كۈنى كېچە سائەت 11 دىن بىر گىچە كەنتتىكى مەسچىتلەرنى چارلاپ، كىشىلەرنى تىزىملاش، دىنىي زاتلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنى تىزىملاش، سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ دىنىي تەبلىغ قىلىشىنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ رامىزان ھارپىسىدا تارقاتقان 2017‏-60‏-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىدا، يېزا-كەنتلەرنىڭ رامىزاندا پۇقرالارنى«جىھاد» نىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلىش توغرىسىدىكى سىياسى كۇرس ۋە پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇش، «رادىكاللىق» نىڭ 26 خىل ئىپادىسىگە دائىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش، روزا تۇتۇشنى تەشۋىق قىلىشنى چەكلەش، پۇقرالارغا ماركىسىزملىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش، دىنىي سورۇنلاردا 24 سائەتلىق نازارەتنى يولغا قويۇش، سىرتتىن كەلگەن ئاپتوموبىل ۋە شەخسلەرنى، نۇقتىلىق ئائىلە ھەم كىشىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار پائالىيەت ۋە تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنيى ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلىرىنى رەت قىلسىمۇ، بىراق ھەريىلى رامىزاندا مۇسۇلمانلارغا يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەرنى يۈزگۈرۈپ كەلمەكتە.