خىتاي ئەمەلدارى جۇ خەيلۈن رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق يىغىنىنى خوتەندە ئاچتى

29-ماي يەنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزاننى باشلاپ 3-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ خەيلۈننىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك يىغىنىنى خوتەندە ئېچىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خەلق گېزىتىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىدە يەنە، جۇ خەيلۈن خوتەندە مۇقىملىقنى قوغداش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان مەزگىلدە ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ قەسەمياد بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى كۈچەيتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇ خەيلۈن «خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقى ۋە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ جايلاردا ئاتالمىش «بۆلگۈنچى كۈچلەر» گە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ۋە بۇ ھەرىكەتنى «ئومۇمىي خەلق ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «جۇ خەيلۈننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش سەپەرۋەرلىك يىغىنىنى ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ، ئەمما خىتايدا ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى دەپ تونۇلغان خوتەندە ئېچىشى، مەزكۇر رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ ھەم شىددەتلىك بولۇشى، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە بېرىپ پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.