خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى رايونىنى يۇقۇرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى» ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي «20-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى قەتئىي ۋە تولۇق ئۆزلەشتۈرگەن ھالدا يېڭى سۈپەتتىكى تەرەققىيات مېلودىيىسىنى ياڭرىتىش ۋە ئومۇمىيۈزلۈك يۇقۇرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنىڭدەك بىڭتۇەن قارمىقىدىكى 8-، 11-، 12-دىۋېزىيەلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى تولۇق قاتناشقان بولۇپ، بۇ ھال بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر قېتىملىق ئومۇمىي ۋەزىپە ئېلان قىلىش خاراكتېرىدە ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
يىغىندا بۇ قېتىمقى «بىرلەشمە رايون تەرەققىياتى» نىشانىنىڭ «دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى» گە، جۈملىدىن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا، خىتايدىكى «ئومۇمىيۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىزىم قۇرۇش نىشانى» غا، شۇ ئارقىلىق خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يېقىنقى يىللاردا خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى چېكىنىشى بارغانسېرى ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشى ھەمدە بىڭتۇەننى كېڭەيتىپ خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈشنى تېزلىتىشى بۇنىڭدىكى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتۇر ئادريان زېنز: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسى ئەندىزىسىنى مۇستەھكەملەپ، بۇلارنى تەدرىجى جەنۇبىي شىنجاڭغا تەدبىقلاشنى جىددىي تەدبىر قاتارىدا ئىجرا قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.