ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ يەنىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «رېۋىزىيە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش» نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە رېۋىزىيە كومىتېتلىرى تەسىس قىلىشىدا يەنە بىر قېتىم ئۆز ئەكسىنى تاپتى.
مەلۇم بولۇشىچە، رېۋىزىيە سىستېمىسى ئادەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى، قىسمى بولۇپ، ئادەتتە شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە مەمۇرىي خادىملارنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقاچان شۇ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە نازارەت مېخانىزمىنى يۈرگۈزىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا «رېۋىزىيە ئىدارىسى» نى ئايرىم «رېۋىزىيە كومىتېتى» قىلىپ تەسىس قىلىش ئۇلارنىڭ خىزمەت «ھوقۇقى» نىڭ يەنىمۇ ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۆز تەۋەسىدىكى بەش ناھىيەدە رېۋىزىيە كومىتېتى تەسىس قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن. يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ كومىتېتلارغا لازىملىق خادىملار ۋىلايەتلىك ۋە باشقا ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە ئىدارىلىرىدىن تولۇقلاپ يۆتكەلگەن بولۇپ، ئۇلارغا «سىياسىي ئۆتكەل»، «ئىدىيەۋى ئۆتكەل» قاتارلىق ئۆتكەللەرنى چىڭ تۇتۇش، شۇنىڭدەك شۇ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش تەلىپى قويۇلغان.
خوتەن ھۆكۈمەت تورىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە ۋە شەھەردە رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇش خىزمىتى يېقىندا تاماملانغان. شۇنىڭدەك يېڭىدىن خىزمەتكە تەيىنلەنگەن خادىملار قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.
ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار «ئىككى يۈزلىمىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان جازالارغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى رېۋىزىيە كومىتېتى تەسىس قىلىش ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى تازىلاش خاھىشى ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەردە بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلىشماقتا.