ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادوۋكات رەيھان ئەسەت ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان يېل ئۇنۋېرسىتېتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىردى.
رەيھان ئەسەت نۆۋەتتە يېل ئۇنۋېرسىتېتى جېكسون دۇنياۋىي ئىشلار تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 29-سېنتەبىر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدا «يېل چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسدە ئۆز ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرغان. ئۇ ئىستىقباللىق ياشلار يىغىلغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى ۋە شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتىېت ئۇقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئامېرىكانىڭ بەش نەپەر پرېزىدېنتى. شۇنداقلا تەسىرى زور سان-ساناقسىز ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يېتىشىپ چىققان. بۇ يەردە بىزگە ھەقىقەت ئىزدەش، ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىق ۋە ئېسىل خىسلەتلىرىنى ئۆگىنىش ھەمدە دۇنيانى شەكىللەندۈرۈش پۇرسىتى بىرىلگەن. . . بىز بۇ ئىمتىيازلاردىن پايدىلىنىپ، ئاۋازسىزلارغا ۋە ئېزىلگەنلەرگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك، بۇ خىتاينىڭ يىراق غەربىي چېگرالىرىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
رەيھان ئەسەت يەنە يېل ئۇنىۋېرسىتىېتىدا خىتايدىكى سىياسىي سەرخىللارنىڭمۇ بالىلىرى ئوقۇيدىغانلىقىنى، بۇ ئىنىۋېرسىتېتنىڭ خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يېل ئۇنىۋېرسىتېتى مانا بۇ رېئاللىقنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك،» دېگەن. ئۇ يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئىئانىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن لاگېردا ئازابلىنىۋاتقان ئىنىسى ئەكبەر ۋە باشقا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان باستۇرۇشقا يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېچقانداق بىر تارمىقى ياكى ھېچقانداق بىر تەتقىقاتچىسىنىڭ قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «يېل ئىستۇدېنتلىرى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ماسلىشىۋاتقان ئورۇنلاردىن يىراقلىشىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاپ ئۇنىۋېرسىتېت مىقياسىدا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇ خىل ئىتتىپاقلىق خىتايغا يېل ئۇنىۋېرسىتېتى جامائىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ.»
رەيھان ئەسەت ئاخىرىدا يېل ئۇنىۋېرسىتېتى جامامئىتىگە خىتاب قىلىپ: «بىز خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە ئىرقچىلىق لاگېرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ھەمىمىز بىرلىكتە ئىرقچىلىققا، ئايرىمچىلىققا، ۋەھشىيلىككە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرايلى. ئۇيغۇر ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلايلى،» دېگەن.