كومپيۇتېر تور ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ساھەسىدىكى داڭلىق شىركەتلەردىن بولغان «ۋولېكسىتىي» (Volexity) شىركىتى بىرنەچچە يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق «رەزىل بامبۇك» (ئىلگىرى «كۆزى يامان» دەپمۇ ئاتالغان) نامىدىكى تور ھۇجۇمچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم تەيۋەنلىكلەرنى «ئوۋ نىشانى» قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان.
«خاككېرلار خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «رەزىل بامبۇك» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر تور ھۇجۇمچىسى ئۇيغۇر ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى نىشان قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ساختا تور بەتلىرى ياساش ۋە ساختا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرى ئارقىلىق قارىغا ئېلىنغان نىشاننى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن. «نىشان» مانا مۇشۇ «رەزىل بامبۇك» ئاچقان تور بەتنى ياكى ھېساباتنى زىيارەت قىلغاندا ئالاھىدە تەييارلانغان جاسۇسلۇق يۇمتاللىرى بۇ توربەتلەردىن ئاپتوماتىك ھالدا ئاشۇ كىشىنىڭ «ئالما» (Apple) ياكى «ئاندرويىد» (Android) تېلېفونغا ئورنىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ تېلېفون ئارقىلىق «ئوۋنىڭ ئىككىنچى قەدىمى» ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن.
«ۋولېكسىتىي» شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «رەزىل بامبۇك» ناملىق تور ھۇجۇمچىسى چەتئەللەردىكى توپلۇقلاردا مەۋجۇت بولغان «ئوۋ نىشانى» نىڭ ھېسابىنى يۇقىرىقى ئۇسۇلدا قولغا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، «سىگنال» (Signal) ياكى «تېلېگرامما» (Telegram) قاتارلىق ئالاقىلىشىش سۇپىلىرىدا ئاشۇ كىشىنىڭ نامىدا بىر توپ قۇرىدىكەن. ئاندىن بۇ توپقا قوشۇلغانلارغا ۋىرۇس پىروگراممىلىرى قاچىلىنىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك «ئوۋ» ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن.
«ۋولېكسىتىي» شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن كاللۇم روكسان (Callum Roxan) بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ خىلدىكى قىلمىشلار ‹تېلېگرامما› ۋە ‹سىگنال› دا، شۇنىڭدەك ‹ۋاتسئەپ› (WhatsApp) مۇنبىرىدە ئەڭ كۆپ بايقالدى. ھۇجۇمچىلار ھەرقاچان فېيسبوك (Facebook) ، ئىنستىگرام (Instagram) ، رېددىت (Reddit) ، X (يەنى بۇرۇنقى تىۋېتتېر) ۋە يۇتۇب (YouTube) قاتارلىقلاردا ساختا ھېساب ئاچىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تور ھۇجۇمچىسى «ناچار بازار» (BADBAZAAR) نامىدا «گۇگىل» بازىرىغا چىقىرىپ قويغان ئەپ ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى ۋە مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەپلەرنى چۈشۈرگەنلەر ئاساسەن ئوخشاش ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلگەن.