رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەد يېڭى زېلاندىيە تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ ئىنىسىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

يېڭى زېلاندىيەلىك ئۇيغۇر گراژدان رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەد يېڭى زېلاندىيە تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئىنىسى مەۋلان نۇرمۇھەممەدنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ 8-ئاۋغۇست كۈنى يېڭى زېلاندىيەدىكى «1-خەۋەرلەر» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسى 2017-يىلى 1-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر رېستوراندا چۈشلۈك تاماق يەۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

خەۋەردە، مەۋلاننىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن. رىزۋانگۈل ئىنىسى ئۈچۈن توردا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىمزا قويغان. «1-خەۋەرلەر» قانىلىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەزكۇر قانالغا بەرگەن باياناتىدا، مەۋلان نۇرمۇھەممەدنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ھازىر شىخەنزەدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسى «1-خەۋەرلەر» قانىلىغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا «سىلەر تىلغا ئالغان شەخس بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى سەۋەبلىك 2017-يىلى 8-ئايدا خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن 9 يىللىق قاماققا بۇيرۇلدى» دېيىلگەن. لېكىن ئۇنىڭدا مەۋلان نۇرمۇھەممەدنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىلمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق يوقىتىش نىشانى قىلغان ئىدى.