ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاينىڭ ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېڭىنى بۇراشنى مەقسەت قىلغان تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، خىتاينىڭ تىك-توك ئەپىنىڭ بۇنىڭدىكى رولىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ئەپ ئارقىلىق ھەم مىليونلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا ئېرىشسە ھەم ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى بۇراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قارمىقىدىكى ئىستىخبارات كومىتېتى (senate intelligence committee) دا ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا قىلغان.
27-سېنتەبىر كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى يامان نىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ سابىق ياردەمچى مۇدىرى ئالېن كوخلېر (Alan Kohler) ، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سارا كۇك قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى تەسىر كۆرسىتىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇنىڭ كۆلىمى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر بىردەك، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى جامائەت پىكرىنى بۇراش قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسى، دەپ تەكىتلىگەن.