ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بېرما دائىرىلىرىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى رەسمىي «ئېتنىك تازىلاش» دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە «ئېتنىك تازلاشش» قا قاتناشقان ھەربىي ۋە يەرلىك دائىرىلەرنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىىشلىرى مىنىستىرى رېكس تېللىرسون چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بېرمانىڭ «شىمالىي رېخېن شتاتىدىكى ۋەزىيەت روھىنگالارغا قارشى ئېتنىك تازىلاش تۈسىنى ئالدى،» دېگەن. رېكس تېللىرسون يەنە «ئامېرىكا ئۆز قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، ئېمبارگو قويۇش قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرىدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن.
رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، تېللىرسوننىڭ سۆزى ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، بېرما ھەربىي دائىرىلىرى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى، بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا روھىنگا قوراللىقلىرىنىڭ بېرما ساقچى پونكىتى ۋە ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى تازىلاشقا باشلىغانلىقى، تازىلاش ھەرىكىتىدە قىرغىنچىلىق، كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق، ئوت قويۇش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ھالبۇكى خىتاي بېرمانى قوللاپ، ب د ت نىڭ روھىنگا مەسىلىسىدىكى بىرقانچە قېتىملىق قارارىنى رەت قىلغان.
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بېرما ئارمىيەسى ۋە يەرلىك بۇددىست قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 600 مىڭدىن ئارتۇق روھىنگالىق مۇسۇلمان بېنگالغا قېچىپ بارغان. تېللىرسون چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «ھەرقانداق بىر پاراكەندىچىلىك بۇ قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقلىق بولغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ،» دېگەن. تېللىرسون يەنە «بېرما ئارمىيەسى، ئامانلىق كۈچلىرى ۋە يەرلىك كۈچلەرنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنىڭ بۇ قىلمىشى غايەت زور ئىزتىراپلارغا سەۋەب بولدى. يۈز مىڭلىغان ئەركەكلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى،» دەپ كۆرسەتكەن. تېللىرسون بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بىر ھەپتە ئاۋۋال بېرمانى زىيارەت قىلىپ، بېرما سىياسىي رەھبىرى ئاڭسەن سۇچى، ھەربىي رەھبىرى مىنئا ئۇڭخاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.