دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى شەنبە كۈنى بېرما مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىقلار مەسىلىسىدە بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەشكىلات رەئىسى ئەكمەلىدىن ئىھسانوغلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەشكىلاتقا ئەزا ئەللەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 14 - ئاپرېل سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇچرىشىدىكەن.
بېرما ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، بېرمىدىكى روھىنگيا مۇسۇلمان جامائىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىقلاردا پەقەت ئۆتكەن 10 ئىچىدىلا 43 ئادەم ئۆلگەن، 1 مىڭ 300 دەك ئۆي ۋە بىر قىسىم بىنالار ۋەيران بولغان.
روھىنگيا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلار ئۆتكەن يىلىمۇ يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 180 ئادەم ئۆلگەن، 110 مىڭ چە مۇسۇلمان يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى.
بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار ھىندى، بېنگال ۋە بىر قىسىم شەرقىي ئاسىيا قېنىدىكى خەلقلەرنىڭ نەسلى بولۇپ بېرما نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.