روزا ھېيتتا، نىڭشيالىق تۇڭگانلارنىڭ 5 كۈن، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر كۈن قويۇپ بېرىلىشى مۇنازىرە قوزغىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 8-ئاۋغۇست روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر كۈن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئوخشاش بىر مەزگىلدە، نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى مۇسۇلمانلارنى روزا ھېيتلىق 5 كۈن قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. نىڭشيادا مۇسۇلمانلار 7-ئاۋغۇست قويۇپ بېرىلىپ، 12-ئاۋغۇست خىزمەتكە چۈشىدىكەن.
بىر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئىككى رايوننىڭ مۇسۇلمانلارغا چىقارغان ئىككى خىل بەلگىلىمىسى توردا مۇنازىرە قوزغاپ تەنقىدكە ئۇچرىدى. بەزى تورداشلار بۇ ئىككى خىل بەلگىلىمىنى «بىر دۆلەتتىكى ئىككى خىل تۈزۈم» دەپ تەرىپلىگەن.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىپ، تۇڭگانلارغا دىنىي كەڭچىلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1980-يىلدىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى روزا ھېيتلىق 3 كۈن، خىتايلارنى بىر كۈن قويۇپ بېرەتتى. 80-يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇرلانى قۇربان ھېيتتا 3 كۈن، روزا ھېيتتا بىر كۈن قويۇپ بېرىشنى يولغا قويغان.