خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېراسى شىركىتى روزا تۇتقانلارنى بايقايدىغان كامېرالارنى ياساپ، مەكتەپ رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ، باستۇرۇشقا يانتاياق بولغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن كۆزىتىش كامېراسى شىركىتى «Hikvision» يەنى خەيكاڭ شىركىتىنىڭ يەنە بىر سەتچىلىكى ئاشكارىلانغان.

كۆزىتىش كامېرا سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى 13-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېراسى شىركىتى «Hikvision» ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «روزا تۇتۇپ-تۇتمىغانلىقىنى» بايقايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە كامېرالارنى ياساپ، مەكتەپ رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىر قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ تۈرنىڭ ئىسمى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ رايونى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى 9 مىليون يۈەن ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۈرى بويىچە، مەكتەپ رايونىدىكى كامېرالار ئوقۇغۇچىلارنىڭ غىزالىنىش خاتىرىسىنى ئانالىز قىلىپ، روزا تۇتقانلىقىدىن شۈبھىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە باشقۇرغۇچى خادىملارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىكەن.

«IPVM» تەتقىقات مەركىزى خەيكاڭ شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى سورىغان. خەيكاڭ شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدىكى ئىقتىدارنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭغا دائىر ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە 2022-يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بۇ تۈرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى «IPVM» گە قىلغان سۆزىدە، مەخسۇس روزا تۇتقانلارنى بايقايدىغان كامېرا تېخنىكىسىنى قوللىنىشنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى دېگەن.

خىتاينىڭ Hikvision شىركىتى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈپ سىگنال بېرىدىغان كامېرا ياسىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىدا ئاكتىپ رول ئالغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىنغان شىركەت ئىدى.