قازاقىستاندا چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت-«ئۇيغۇر ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيەسى «ئۇنېسكو تەركىبىدىكى مەكتەپلەر» تىزىمىگە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ قازاقىستاندا «ئۇنېسكو تەركىبىدىكى مەكتەپلەر» تىزىمىگە كىرگەن 27 مەكتەب ئىچىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر مەكتىپى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ، يەنى ئۇيغۇر گىمنازىيەسى 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن 4 تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، نۆۋەتتە ئالمۇتادىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيەسى 2016-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئەڭ ياخشى 5 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگەن. مەزكۇر مەكتەپنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇچۇرما بولغان.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ جامائىتى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋە يەتتەسۇ رايونىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە مۇھىم روللارنى ئوينىماقتىكەن.