روشەن ئابباس «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە خەلقئارانى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.10.22

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشقا چاقىرغان.

روشەن ئابباس 19‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ ھاممام ۋە ھەدەم خىتايدا غايىب بولدى، ئۇلار مېنىڭ پائالىيىتىم سەۋەبلىك جازالىنىۋاتامدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ھاممىسى بىلەن ھەدىسىنى تۇتقۇن قىلىشى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى ھېچقانداق سوتسىز «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولاپ جازالاشتەك «قەبىھ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» گە خەلقئارانىڭ «توختا»، دېيىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 56 ياشلىق ھەدىسى گۈلشەن ئابباس بىلەن ئاتۇشتىكى 64 ياشلىق ھاممىسى ماھىنۇر ئابلىز بۇ يىل 11‏-سېنتەبىر ئوخشاش بىر كۈندە غايىب بولغان.

روشەن ئابباس ھاممىسى بىلەن ھەدىسى غايىب بولۇشتىن 6 كۈن ئاۋۋال ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنغا قاتنىشىپ، «شەرقىي تۈركىستان» ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىرەر كىشىنى تۇتۇشتا ھېچقانداق سەۋەبكە ئېھتىياجلىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھاممىسى بىلەن ھەدىسىنى نىشانغا ئېلىشى بەك بىنورمال تۇيۇلغانلىقى، چۈنكى ئۇلار لاگېرغا قامىلىشنىڭ نورمال شەرتلىرىگە توشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھەدەم بىلەن ھاممام مېنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىم سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغاندەك قىلىدۇ» دېگەن.

ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئامېرىكىدىكى ئىككى قىزىنىڭ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئاز دېگەندەك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەن جازاسى، ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئېتنىك قىرغىنچىلىققا يەنە بىر قېتىم «ھەرگىز قايتا يول يوق» دېيىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكى، «بەك كېچىكىشتىن بۇرۇن بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە توختا دېيىش كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.