رۇسىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە دائىرىلىرى رۇسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشخانىلىرى ۋە خىزمەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ھەم ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، موسكۋانىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باياناتچىسى ۋاشىنگتوننىڭ چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاختۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ « سىياسىي زەربە بېرىش» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەيدانىدىن كېيىن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەكىلى ئالېكساندىر لۇكاشېۋىچ شەنبە كۈنى ۋاشىنگتوننى رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى،دەپ ئەيىبلىدى.

ئۆتكەن يىلى رۇسىيە چەتئەلنىڭ پۇلى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا قىلمايدىغان ئورگانلارغا چەك قويۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، يېقىندا يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ۋە باشقىلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.