رۇسىيە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چىقىرىۋېتىلگەن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى 7-ئاپرىل كۈنى بېلەت تاشلاپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا «كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر ۋە سىستېمىلىق دەپسەندە قىلغانلىقى» سەۋەبىدىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ۋاقىتلىق چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئومۇمىي كېڭەشتىكى بىلەت تاشلاشقا 193 دۆلەت قاتناشقان بولۇپ، 93 دۆلەتنىڭ قوللىشى، 24 دۆلەتنىڭ رەت قىلىشى ۋە 58 دۆلەتنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى نەتىجىسىدە رۇسىيەنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ۋاقىتلىق چىقىرىۋېتىش قارار قىلىنغان. خىتاي بولسا بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا ئىكەن.

مەزكۇر قارار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇلار بۇنى «تارىخىي ۋەقە» دەپ باھالىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى گېننادى كۇزمىن بېلەت تاشلاشتىن كېيىن سۆز قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى «قانۇنسىز ۋە سىياسىي مەقسەت چىقىش قىلىنغان قەدەم» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ رۇسىيەنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفېلد بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قاراپ تۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق سىگنال بەردى،» دېگەن.

رۇسىيەنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئىرادىسى نەتىجىسىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى بىلەن تەڭ، ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان خىتاينىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى چوقان ۋە چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.