ۋلادىمىر پۇتىن قايتا پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ خاتىرە كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي پارات 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلدى.
رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ خاتىرە كۈنىدىكى مەزكۇر ھەربىي پاراتقا رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 6000 ھەربىي خادىمى ۋە ھەر خىل ھەربىي تېخنىكىلار قاتناشتۇرۇلدى.
7 - نويابىر 1917 - يىلىدىكى دۇنيا ئىككى لاگېرغا ئايرىۋەتكەن ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ خاتىرە كۈنى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا لېنىن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ئىدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ كۈننى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىپ تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغىچە داغدۇغىلىق ھەربىي پاراتلار بىلەن قۇتلۇقلىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن بۇ بايرام دۆلەت بايرىمى سالاھىتىدىن قالسىمۇ، بىراق مەزكۇر ئەنئەنە بىراقلا تۈگىمىگەن.
بۇ يىلقى 7 - نويابىر ھەربىي پاراتى ھەققىدە رۇسىيە جامائىتىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولدى. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ پاراتنى 1941 - يىلى، 7 - نويابىر كۈنى ستالىن رەھبەرلىكىدە گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى خەلقنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەشھۇر پاراتنىڭ 72 يىللىقىغا بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە جامائىتىدە كوممۇنىستلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلمىشلىرى ئەيىلىنىپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى رۇسىيە خەلقىغە بالايى - ئاپەت ئېلىپ كەلدى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ھازىر كوممۇنىستلار يەنىلا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. بۇ يىلقى 7 - نويابىر كۈنى رۇسىيە كومپارتىيىسى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان.
