شەنبە كۈنى رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك دېموكراتىك ۋە ھوقۇق قوغداش مەزمۇن قىلىنغان نامايىش يۈز بەردى. رۇسىيىدىكى ھوقۇق قوغداش ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 6 - ئاپرىل كۈنىنى سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان نامايىش ھەرىكىتى موسكۋادىن باشقا يەنە سانكىتپېتېربۇرگ ۋە باشقا شەھەرلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە شەنبە كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقى ئېيتىلماقتا. نامايىشچىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنى ئادۋوكاتلار، تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ دوستلىرى، ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى تەشكىل قىلغان. ئۇلار ۋلادىمىر پۇتىن ھۆكۈمىتىنى تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلماسلىققا، تۈرمىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
ئۆتكەن يىلى، 6 - ئاپرىل كۈنى موسكۋادا كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەندە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 4 يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپى ھازىرغىچە تۈرمىدە ياتماقتا ئىكەن.
ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى موسكۋادا ئۆكتىچىلەرنىڭ « ئىتتىپاقلىق» ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بولۇپ، «ئىتتىپاقلىق» نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، داڭلىق شاخماتچى گاررى كاسپاروۋ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.