سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسەد لىۋاندىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بېرىپ، رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنغان S-300 تىپلىق راكېتالىرىنىڭ دەسلەپكى بىر قىسمىنىڭ سۈرىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى تېخى بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات بېرىپ، بۇنىڭ راستلىقىنى دەلىللىمىگەن.
بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كەلگەن رۇسىيە بىر قانچە ۋاقىتتىن بېرى خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن سۈرىيەگە قورال سېتىشنى كېچىكتۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن باشقا دۆلەتلەر ئەگەر سۈرىيەنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقان تەقدىردە، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەسەد ھۆكۈمىتىنى راكېتا بىلەن تەمىنلەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئەگەر رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنى S-300 تىپلىق راكېتا بىلەن تەمىنلىگەنلىكى راست بولغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىرلىكتە جەنۋەدە ئاچىدىغان سۈرىيە يىغىنىدىمۇ كرىزىس پەيدا قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.