رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي كورېيە بىلەن ئىمزالىغان ھەربىي ھەمكارلىق شەرتنامىسى رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيەنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ خىتاينى ئەندىشىگە سالغان. خەۋەرلەردە، رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى بۇ شەرتنامىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەدىن ئىبارەت ئۈچ ئىستىبدات دۆلەت ئارىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇشى مۇمكىنلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەگە بولغان تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئىيۇن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئانالىزىدا كۆرسىتىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭ ئۇن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ شەرتنامە ئىمزالىشىدىن كېيىن، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە بولغان يوشۇرۇن تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ۋە بۇنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ سوغۇق ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتا زورلانماقتا ئىكەن. خەۋەردە، خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى تۇرۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كورېيە يېرىم ئارىلىدا مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئۆز ئارا زىددىيەتلىك تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى، رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا ئىمزالانغان بۇ شەرتنامىگە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. ھالبۇكى، رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا ئىمزالانغان بۇ شەرتنامە ھەر ئىككى دۆلەتتىن ھەرقانداق بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، يەنە بىرىنىڭ ھەربىي ياردەم بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ شەرتنامىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ «ئىنتايىن ئاجىز» ئىكەنلىكى، بۇ بېيجىڭنىڭ نېمە قىلىشنى بىلمەيۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ قارار چىقىرىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا ئىكەن. خەۋەردە يەنە بېيجىڭدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا كاشىلا تۇغدۇرىدۇ، دەپ قارىسىمۇ، بىراق خىتايدا «زور خاتىرجەمسىزلىك بارلىقى»، چۈنكى خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى، شۇنداقلا ۋەزىيىتى مۇقىمسىز بىر يادرو قوراللار دۆلىتىنىڭ ئۆز بوسۇغىسىدا پەيدا بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.