رۇسىيىلىكلەر يەنىلا ستالىننى سېغىنماقتا


ستالىن بۈگۈنكى رۇسىيەدىكى يەنە بىر مۇھىم تېما، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ستالىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرى كۆپلەپ پاش قىلىنسىمۇ، ئەمما ھازىر ستالىننىڭ ئوبرازىنىڭ رۇسىيىلىكلەر ئارىسىدا قايتىدىن تىكلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رۇسىيەنىڭ «پرېس» قاتارلىق تورلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا رۇسىيەدىكى «لېۋادا - سېنترا» دەپ ئاتالغان بىر ئورگان مەخسۇس كىشىلەرنىڭ ستالىن ھەققىدىكى رايىنى سىنىغان بولۇپ، 52% رۇسىيەلىك ستالىننىڭ دۆلەت ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ستالىندىن باشقا لېنىن ۋە ئاخىرقى چار پادىشاھ نىكولاي ئىككىنچى ھەققىدىمۇ راي سىنالغان بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئېرىشكەن ئىجابىي باھاسى ئىستالىندىن تۆۋەنرەك بولغان.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا رۇسىيەلىكلەرنىڭ ستالىننىڭ 30 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق دەۋرى، بولۇپمۇ 1941 - 1945 - يىلىدىكى ئۇرۇش ھەم ۋاپات بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۆھپىلىرىنى يۇقىرى باھالاش كەيپىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشقان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيەدە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدىكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىمۇ كۆپلەپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇلاردا ستالىن ئوينىغان رولىغا ئىجابىي باھالار بېرىلگەن ھەمدە ستالىن دەۋرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دەۋرى سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.