رۇسىيە ۋەكىلى «سۈرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللار سۈرىيەنىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك» دېدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رابىكوۋ بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيىۋى قوراللىرىنى يوقىتىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقى، ئەمما بۇ قوراللارنى رۇسىيەگە يۆتكەشكە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ قوراللارنىڭ سۈرىيەنىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ھازىر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللارنى 30-نويابىرغىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىشى ۋە كېلەر يىلى 30-ئىيۇلغىچە يوقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. سېرگېي رابىكوۋ لايىھىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بىلەن نيۇيوركتا چاقىرىلىۋاتقان يىغىن جەريانىدا ئۇچرىشىپ، سۈرىيە كرىزىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. ئۇلار سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ب د ت نىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە سۈرىيەدە يېڭى ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئۈستىدە ئورتاقلاشقان.