ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرى ئاساسىدا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسى چارشەنبە كۈنى سۈرىيەدە تۇنجى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
بۇ ھاۋا ھۇجۇمى سۈرىيەنىڭ خومس شەھىرى يېنىدا ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى رۇسىيە پرېزىدېنتىغا چەتئەللەردە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.
رۇسىيەنىڭ تا س س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى 162 بېلەت بىلەن پرېزىدېنتنىڭ چەتئەلدە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان.
رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە «ئىسلام دۆلىتى»گە قارشى تۇنجى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى باشلىغانلىقىنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ رەسمىي دەلىللىدى.
رۇسىيە پرېزىدېنت ئاپپاراتىنىڭ باشلىقى سېرگېي ئىۋانوۋ، فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى تەستىقىنىڭ رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ پەقەت سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرىشىگە ھاۋادىن ياردەم بېرىشىگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى سۈرىيەگە ھاۋا ئارمىيىسى ئارقىلىق ياردەم بېرىش قارارىنى چىقىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ پرېزىدېنت بەشىر ئەسەدنىڭ سۈرىيە دۆلىتى نامىدىن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا سۇنغان تەلىپىگە بىنائەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي ئاۋىئاتسىيە كۈچى ئەۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ لاتاكىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا جايلاشقانلىقى، ئۇ يەردە 600 نەپەر رۇسىيە ھەربىي خادىمى بارلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.