رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلارغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئاقلاپ، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە ئوخشاش ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىراق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ نۇقتىلىق ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارىتىلغانلىقىدىن، ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق بەشەر ئەسەدكە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.
ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پەيشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ جىسر ئەل-شۇغۇر، خاما، ئىدلىب، خومس قاتارلىق رايونلىرىدىكى ئۆكتىچىلەر ئىگىلەپ تۇرغان بازىلارنى بومباردىمان قىلغان.
لىۋا شۇغۇر ئەل جابال قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىدلىبدىكى بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كاتېر رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئوتقا بېنزىن چاچقانلىق» دېدى. ئاق ساراي باياناتچىسى جوس ئېرنىست، رۇسىيە دىققىتىنى راست ئىسلام دۆلىتىگە مەركەزلەشتۈرسە، ئۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاققا ھەسسە قوشقان بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتى يەنە تۈركىيەنى بىئارام قىلغان. تۈركىيە پەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف ھاۋا ھۇجۇمى ئەسەدكە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز»دېگەن.