سۈرىيەگە ئۇچقان رۇسىيە ئايروپىلانى قازاغا ئۇچراپ 92 ئادەم ئۆلدى


25-دېكابىر كۈنى رۇسىيەنىڭ «تۇ-154» تىپلىق بىر ھەربىي ئايروپىلانى قارا دېڭىز بويىدىكى سوچى شەھىرىدىن ئۇچۇپ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا راداردىن يۈتۈپ كەتكەن ۋە بۇ ئايروپىلاننىڭ قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.

رۇسىيەنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلان سوچىدىن ئايرىلىپ، ئىككى مىنۇتتىن كېيىنلا راداردىن غايىپ بولغان ۋە ئۇچقۇچى تۆۋەنگە ھېچقانداق سىگنال بېرىشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن. ئايروپىلاندا 92 ئادەم بار بولۇپ، مەزكۇر ھەربىي ئايروپىلان سۈرىيەگە قاراپ ئۇچقان ئىدى. ئايروپلاندا ئالېكساندروۋ نامىدىكى ھەربىي سەنئەت ئۆمىكىنىڭ 60 نەپەر ئارتىسى بار بولۇپ، ئۇلار سۈرىيەدىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا بېرىپ، رۇسىيە ھەربىيلىرىنىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى ئىكەن. بۇ ئايروپلاندا بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيەنىڭ بىر قانچە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىن گۇرۇپپىسىمۇ بار ئىكەن.

ھازىر، ۋەقە يۈزبەرگەن 10 كىلومېتىر دائىرىدىكى دېڭىز رايونىدا 27 پاراخوت، تۆت تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىزدەشنى باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا 3000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. ھازىرغىچە، ئۆلگەن 10 ئادەمنىڭ جەسىتى سۇزۈۋېلىنغان.

پرېزىدېنت پۇتىن باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋقا بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاش كومىسسىيىسى قۇرۇشنى تاپشۇرغان. بۇ ۋەقە ھەققىدە ھازىر ھەر خىل قىياسلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما يەنە ئايروپىلاننىڭ ھاۋادا پارتلاپ كەتكەنلىك ئېھتىماللىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىكەن.

رۇسىيە تەرپ 26-دېكابىر كۈنىنى دۆلەت بويىچە ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.