ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن 300 دىن ئارتۇق شەخس ۋە شىركەتكە جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان. ئۇلار خىتاي، جەنۇبىي ئافرىقا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شەخس ۋە شىركەتلەر ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن 12-ئىيۇن كۈنىدىكى باياناتىدا، بۇ جازا تەدبىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەرگە ئېرىشىش يوللىرىنى كېسىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز رۇسىيە بىلەن پۇل مۇئامىلىسى قىلىۋاتقان چەت ئەل شىركەتلىرىگە كېلىدىغان خەۋپنى ئاشۇرۇۋاتىمىز ھەم ئۇلارنىڭ جازاسىز قېلىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىۋاتىمىز. بىز بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ چەت ئەل تېخنىكىسى، ئۈسكۈنىلىرى، يۇمشاق دېتاللىرى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتمەكچىمىز.»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەر ئىچىدە 7 خىتاي شىركىتى بار بولۇپ، ئۇلار رۇسىيەگە قورال-ياراغ سىستېمىسىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان مىليون دوللار قىممىتىدىكى ماتېرىياللارنى رۇسىيەگە توشۇغان ئىكەن.
بۇندىن باشقا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 12-ئىيۇن كۈنى يەنە خوڭكوڭغا جايلاشقان 8 خىتاي شىركىتىگە ئايرىم-ئايرىم جازا ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ئۇلارنى «رۇسىيەنى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىلەن تەمىنلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئەڭ يېڭى تەدبىرلەرگە ئاساسەن، ئامېرىكا يەنە «ھەربىي سانائەت بازىسى» غا بولغان ئېنىقلىمىسىنى كېڭەيتىپ، ھەر قانداق بەلگىلەنگەن ئورۇنلار بىلەن سودا قىلىدىغان چەت ئەل پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ئاتالمىش ئىككىلەمچى جازا يۈرگۈزۈشنى يولغا قويىدىكەن.