ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قارىتا «ھازىرغا قەدەر بولغان ئەڭ قاتتىق جازا تەدبىرلىرىنىڭ بىرى» نى يۈرگۈزدى
2023.02.24
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 24-فېۋرال يەنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ نەق بىر يىللىق خاتىرە كۈنى «ھازىرغا قەدەر يولغا قويغان ئەڭ قاتتىق جازا تەدبىرلىرىنىڭ بىرى» نى يۈرگۈزگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقىنى جازا تەدبىرى رۇسىيەنىڭ مېتال ۋە كانچىلىق ساھەسىنى، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى، ھەربىي تەمىنلەش زەنجىرى ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى موسكۋانىڭ ھازىر يولغا قويۇلغان جازالاش تەدبىرلىرىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم قىلغان شەخس ۋە شىركەتلەرنى نىشان قىلغان. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جازا تەدبىرى مالىيە مىنىستىرى جەننېت يېللېننىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بۇ دۆلەتلەر رۇسىيەنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىسە «ئېغىر ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىقى» نى تەكىتلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان.
ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقساراينىڭ مەلۇماتىدا ھۆكۈمەتنىڭ 24-فېۋرالدىن باشلاپ جەمئىي «رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان رۇسىيە، شۇنداقلا ياۋروپا، ئاسىيا، ئوتتۇرا-شەرق ئەللىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق شەخس ۋە ئاپپاراتقا قارىتا جازا يۈرگۈزۈلگەنلىكى»، بۇ جازانىڭ سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 1219 نەپەر ھەربىي خادىمىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغان.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە 24-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىمۇ رۇسىيە، شۇنداقلا خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3-دۆلەتنىڭ 90 گە يېقىن شىركىتىگە «ئېكسپورت چەكلىمىسى» يۈرگۈزگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن: «بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي جازا، ئېكسپورت كونترولى قىلىش ۋە تاموژنا بېجى G7 بىلەن ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ، بىزنىڭ پرېزىدېنت پۇتىنغا بېسىم ئىشلىتىشتە ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» دا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم «ئېغىر ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىقى» نى ئېيتقان.