«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى 4-مارت جۈمە كۈنى ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ جەنۇبىدىكى Zaporizhzha يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان. كىيېۋغا 550 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى ياۋروپادىكى ئىككىنچى چوڭ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا بىر قىسىم بۆلۈمىگە ئوت كەتكەن ۋە 5 سائەتتىن كېيىن ئۆچۈرۈلگەن؛ ئارقىدىن رۇس ئارمىيەسى بۇ يەرنى ئىشغال قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قوراللىرى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئېنىرگىيە مىنىستىرلىكى ئەمەلدارلىرى بۇ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىغا ئوت كەتكەن بولسىمۇ، مۇھىم ئۈسكۈنىلىرىگە ئوت تۇتاشمىغانلىقىنى، شۇڭا ئاتوم ئېنىرگىيەسى تاراپ كېتىشتەك خەتەرنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كۆزەتچىلەر ئەگەر بۇ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو بېشىدا پارتىلاش يۈز بەرسە ئۆتكەن ئەسىردىكى «چېرنوبېل ۋەقەسى» دىنمۇ ئېغىر پاجىئە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
CNN تورىنىڭ خەۋىرىدە: «رۇسىيە ياۋروپادىكى بۇ ئىككىنچى چوڭ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۇنيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا» دېيىلگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بۇ يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى قالقان قىلىپ، ياۋروپا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھەيۋە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق تەلۋە مۇستەبىتلەر ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىكەن.