ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيە رەسمىي «مىق» قا ئۈستى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.03.30

ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى تىنچلىق سۆھبىتىدە 30-مارت كۈنىمۇ ھېچقانداق ئىلگىرىلەشنىڭ بولمىغانلىقى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئېغىر تالاپەت يېگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن قىسىملارنى «رۇسىيە ۋە بېلورۇسىيەگە چېكىندۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش» ھەققىدە قارار ئېلىشى بولماقتا.

NBC ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ «ھەربىي جەھەتتىكى تالاپەتنى زەمبىرەك ۋە راكېتا ھۇجۇملىرى تولدۇرۇشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەتلىرى رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ئەتراپىدىكى ھەربىي ھۇجۇمنى ئازايتىش ھەققىدىكى باياناتلىرىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ھۇجۇمنى توختىتىش ئېھتىمالىنىڭ يوق ئىكەنلىكى تېخىمۇ ئېنىق بولغان.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادىن تولۇق چېكىنىپ چىقمىغۇچە، غەرپ دۇنياسى رۇسىيەگە قاراتقان جازانى بىكار قىلماسلىقى لازىم» دېگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 30-مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن ھەمدە «بىز رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى ۋە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشنى ئىزچىل داۋام قىلىمىز» دېگەن. ئامېرىكا يەنە ئۇكرائىناغا يېڭىدىن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ھالبۇكى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەردەدە ئېنىق قىلىپ: «ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ئۇكرائىنا ئۇچرىغان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان ئاللىقاچان بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى» دېيىلگەن. نۆۋەتتە ئۇرۇش ۋەيرانچىقىلىقىدىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىنىۋاتقان ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ سانى تۆت مىليونغا يەتكەن.

«ئەل جەزىرە» نىڭ 30-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ يۈرىكىنى توم قىلىۋاتقان بىر مۇھىم ئامىل ياۋروپانىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازدا رۇسىيەگە قاراشلىق بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئىكەن. نۆۋەتتە رۇسىيەدىن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان گېرمانىيە رۇسىيەدىن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشنى توختىتىش ۋە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرا شەرق ئارقىلىق ھەل قىلىشنى جىددىي ئويلاشماقتا ئىكەن. ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرىنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان پولشا بولسا 2023-يىلى يېڭى يىل كۈنىدىن باشلاپ رۇسىيەنىڭ گاز ۋە نېفىتىغا قاراشلىق بولۇش دەۋرىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

نۆۋەتتە بەزى ئانالىزچىلار «رۇسىيە ئۇكرائىنانى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە ئىكەن. گەرچە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ماۋرىپۇل شەھرىنىڭ تېزدىن تەسلىم بولۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنانىڭ قارشىلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن. جۈملىدىن كىيىۋ شەھرىنىڭ باشلىقى بولغان سابىق «بوكىس شاھى» ۋىتالى كىلىچكونىڭ ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي فورما كيىىپ ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن بىر سەپكە تىزىلغانلىقى، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ بويسۇنماس ئىرادىسىنى جانلىق نامايەن قىلغانلىق، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.