غەرب رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى ئ‍ۆزىگە قېتىۋېلىشىغا قارىتا ئۇنىڭغا قارشى ئېمبارگونى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئىشغال قىلىۋالغان 4 رايوننى قانۇنسىز ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىغا قارىتا ئۇنىڭغا قارشى ئېمبارگونى كۈچەيتكەن. ئەنگلىيە ئاخبارات تورى BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 30-سېنتەبىر ئېمبارگونىڭ رۇسىيەنىڭ ئىككى خەلقئارالىق تەمىنلەش زەنجىرى، رۇسىيە پۇل-مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ 3 نەپەر رەھبىرى، بەزى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرى ۋە 278 نەپەر رۇسىيە پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىكى رۇسىيە «ھەربىي سانائەت ئاپپاراتلىرى» نى نىشانغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېلېن: «پۇتىن ئالدامچىلىق بىلەن ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولسا، بىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايمىز» دېگەن.

پرېزىدېنت بايدېن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىنى ئالدامچىلىق بىلەن ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. BBC نىڭ ئېيتىشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكەن. خەۋەردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەلچىلىرىنىڭ 30-سېنتەبىر بىريۇسسېلغا توپلانغانلىقى، ئېمبارگو تەدبىرلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىشى مۈمكىنلىكى، ئېمبارگونىڭ ئىمپورت، ئېكسپورت چەكلىمىسى، شۇنداقلا سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتنىڭ نېفىت باھاسىغا چەكلىمىگە قويۇش تەكلىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۈمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بىراق ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا، بۇ يېڭى ئېمبارگو تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلىنېسكىي بولسا، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ 4 رايونىنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن «ئۇكرائىنانىڭ ش ئا ئە ت غا تېزرەك كىرىش ئىلتىماسىغا ئىمزا قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلغۇچ قەدەم تاشلىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۈتۈن 30-سېنتەبىر ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان دونېتسىك، لوگانىسك، كېرسون ۋە زاپورىژىيا قاتارلىق 4 رايونىنى رەسمىي رۇسىيەگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش تەھدىتىدە بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.