رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېقىندا ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا بىر يېڭى ئۇنىۋېرسال تور بەت ئېچىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
فەيسبوكتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئىزلىرىمىز» دەپ ئاتالغان مەزكۇر تور بەتنىڭ ئېچىلىشىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كارخانىچى زىيالىيلىرىدىن بىرى ۋاققاس مەمەدىنوف تەشەببۇسكارلىق ۋە باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، تور بەتنى رۇسىيەنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىسى ھەمراجان ئامراق قاتارلىقلار تېخنىكىلىق جەھەتتىن باشقۇرىدىكەن.
بۇ تور بەت ئېچىلغىنىغا قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرچە، رۇسچە ماقالىلار، خەۋەرلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ سانىمۇ تېز ئاشماقتا ئىكەن.
بۇ تور بەت ئاساسلىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلارنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئىلىم ئەربابلىرى، سىياسىيونلىرى، مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە باشقىلارنى تونۇشتۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىل يېزىقىدىن باشقا يەنە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئىشلىتىشىنى ھەم ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
مەلۇمكى، ھازىر رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ، موسكۋا ۋە باشقا شەھەرلەردە 5مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ، ئەمما مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا جايلاشقان. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور بەت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى كېيىن «دوپپا لايف»،«ئۇيغۇر توداي»،«ئۇيغۇرنارود.رۇ»، ۋە باشقا ئونلىغان تور بەتلەرنى قۇرۇپ، ئىككى تىلدا مەشغۇلات قىلماقتا.