رۇسىيە بىلەن خىتاي شىمالىي كورىيىگە ھەربىي ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى

رۇسىيە بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى موسكۋادا كۆرۈشۈپ، چەتئەلنىڭ يېقىندا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان شىمالىي كورىيىگە ھەربىي ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى يادرو سىنىقىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق شىمالىي كورىيىگە قارشى ھەر قانداق ھەرىكەت ب د ت نىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك، دېگەن. سېرگېي لاۋروف ئەسكەرتىپ: ۋەزىيەتنى ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا يول قويماسلىق ئىنتايىن مۇھىم، دەپ كۆرسەتكەن.

شىمالىي كورىيە يېقىندا 3‏-قېتىملىق يادرو سىنىقى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

بىراق،خىتاي بىلەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، پيوڭياڭغا قاتتىق چارە قوللىنىشنى توسۇپ كەلدى. ياڭ جيېچى خىتاي كومپارتىيىسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 3‏-ئايدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىنى تۈگىتىپلا، رۇسىيىگە قىلىدىغان زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن موسكۋاغا كەلگەن.

لاۋروف ياڭ جيېچى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە: رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا شۇنداقلا سۈرىيە، ئافغانىستان، ئىران يادرو مەسىلىسى ۋە باشقا كرىزىسلاردا ئورتاق پوزىتسىيىگە ئىگە ۋە بۇ ئورتاق پوزىتسىيىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېگەن.