ئامېرىكانىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان مەخپىي ئىستىخبارات ھۆججەتلىرىدىن خىتاينىڭ رۇسىيەنى «ھالقىلىق ھەربىي ياردەملەر» بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغانلىقى مەلۇم بولغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ مەخپىي ھۆججەتلەردىن نەقىل كەلتۈ رۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرى رۇسىيەنى «ھالقىلىق ھەربىي ياردەملەر» بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلۇپ، بۇ ھەربىي ياردەمنى «ئاممىۋىي لاۋازىمەت» دېگەن نامدا يۆتكەشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھۆججەت ئامېرىكانىڭ يېقىندا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن زور مىقداردىكى مەخپىي ئىستىخبارات ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ رۇسىيەنى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرغا رۇسىيە تاشقىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنى يوشۇرۇن ئاڭلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىكەن. رۇسىيە تاشقىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي دوكلاتىدا، خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رۇسىيەنى قەدەم باسقۇچلىق ھالدا قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغانلىقى، لېكىن بۇنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆججەتكە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA)نىڭ دېرىكتورى ئىشخانىسى تەرىپىدىن «يۇقىرى دەرىجىدىكى مەخپىيەتلىك» دەپ بەلگە قويۇلغان ئىكەن. خەۋەردە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراق ياكى ھالقىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ئائىت بىرەر دەلىل كۆرۈپ باقمىغانلىقى، لېكىن خىتاينى «داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلىسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر خىتاينىڭ رۇسىيەگە رەسمىي ياردەم قىلسا، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى قاتتىق جازالىشى مۇمكىن ئىكەن.