خىتاي بىلەن رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى، ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلەرنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ، جازالاش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى رەت قىلدى.
بۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنى 4-قېتىم رەت قىلىشى. سۈرىيەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا، 150 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.
خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سامانتا پوۋېر خىتاي بىلەن رۇسىيەنى تەنقىدلەپ، توقۇنۇشنىڭ قۇربانلىرىغا: ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىنى رەت قىلىپ قول كۆتۈرگەنلەر ھەققىدە، ھەقلىق تارىخىي خاتىرە قالدى، دېگەن.
ئۇ يەنە، بىزنىڭ نەۋرىلىرىمىز كەلگۈسىدە، بىزنىڭ قانداق قىلىپ يەر شارىدىكى دوزاخ ئازابىنى تارتىۋاتقان خەلقلەرگە ئادالەت ئېلىپ كېلىشتە مەغلۇپ بولغانلىقىمىزنى سورايدۇ، دەپ كۆرسىتىپ، ئەگەر خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھازىرقى جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قادىر بولالمىسا، بۇ ئورگان ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى داۋاملىق يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن رۇسىيە، بۇ قارار خەلقئارا سوتنى قورال قىلىپ، سىياسىي ئىختىلاپنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى، سۈرىيە ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي بولسا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ توقۇنۇشنى خەلقئارا مەھكىمىگە ئېلىپ بېرىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.