ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلنىسكى: «خىتاي ھازىر ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالدى»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلنىسكى رۇسىيەنى قوللاۋاتقان ھەمدە شىۋېيتسارىيەدىكى تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشماقچى بولغان دۆلەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان خىتاينى ئەيىبلىگەن.

ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» تورىنىڭ 2-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا شىۋېيتسارىيەدە كۆپلىگەن دۆلەت رەھبەرلىرى تىنچلىق سۆھبىتى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىناغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىش ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ يىغىننىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرىنى كىچىكلىتىش، ئۈنۈمىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلنىسكى بۇ يەردە ھالقىلىق رول ئويناۋاتقان خىتاينى ئەيىبلىگەن.

نۆۋەتتە، سىنگاپوردا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ خەۋپسىزلىك يىغىنى-شاڭرىلا دىيالوگى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇكرائىنا بۇ يىغىندا كۆپلىگەن ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش يۈزىسىدىن شىۋېيتسارىيەدىكى تىنچلىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ۋىلادىمىر زېلنىسكى مۇنداق دېگەن: «ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھۇجۇمىنى توختىتىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇش، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلايمىز دېمەي، خەلقئارا ئادالەت ۋە قانۇننى قوغدىشى كېرەك».

زېلنىسكى بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئالدىرىمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىققا ئۈندەپ، ئەگەر قاتناشسا، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەشتە چەكلىمە قويىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالماقتا. يەنى رۇسىيە خىتاينىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى تەسىرىدىن ھەمدە خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىدىن پايدىلىنىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن بۇ تىنچلىق يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. چاتاق يېرى شۇكى، خىتايدەك چوڭ، مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك دۆلەت ھازىر پۇتىننىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالدى» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلنىسكى ئۆتكەن يىل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇكرائىنا بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆرۈشۈشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ماقۇللۇق جاۋابى ئالالمىغان. بۇ قېتىم سىنگاپوردىكى خەۋپسىزلىك يىغىنىدىمۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇكرائىنا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشمىگەن. زېلىنىسكى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئەگەر خىتاي رۇسىيەنى داۋاملىق قوللاۋەرسە، بۇ ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ، بۇ پۈتكۈل دۇنياغا زىيانلىق» دېگەن. ئۇ يەنە خىتايغا قارىتىپ تۇرۇپ: «سەن بىر ياقتىن ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايمەن دەپ قويۇپ، بىر ياقتىن ب د ت ئاساسى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تارتىۋالماقچى بولغان دۆلەت تەرەپتە تۇرالمايسەن» دېگەن.