پۇتىننىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدە كۆپ ساندا كېلىشىم ئىمزالاندى


رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلەر يىغىدىن كېيىنلا خىتايغا يېتىپ كېلىپ، شەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

رۇسىيە ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، ترانسپورت، قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت، ئۇچۇر قاتارلىق كۆپ تۈرلەر بويىچە 30 خىلدىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالانغان.

رۇسىيەنىڭ «5 تۋ.رۇ» تورىنىڭ يېزىشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىملەر ئىچىدە ئەڭ زورى، «موسكۋا - بېيجىڭ» تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇش پىلانى ۋە ئۇنىڭ تەركىبى بولغان«موسكۋا - قازان» تېز پويىز يولى قۇرۇلۇشى ئىكەن، مەزكۇر بىرلەشمە لايىھىنىڭ باھاسى 7 ترىلىيون رۇبلىغا توختىغان.

بۇ، ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم كۆرۈش ئىشى بولۇپ، ئۇلار ئالدى بىلەن تاشكەنتتىكى يىگىن جەريانىدا رۇسىيە - خىتاي ھەمكارلىقلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن ئۇچرىشىشتا ئورتاق ھالدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، تېخىمۇ چوققۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىم بېيجىڭدا «رۇسىيە - خىتاي ئىناق قوشنادارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ۋە رۇسىيە - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ، پۇتىننىڭ 2012 - يىئىدىن بۇيان خىتاينى 5 - قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن 5 قېتىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان ۋە پۇتىن بىلەن 15 قېتىم ھەر خىل سورۇندا ئۇچراشقان.

مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنا كرىزىسى مۇناسىۋىتى بىلەن غەربنىڭ رۇسىيەگە ئىقتىسادى ئىمبارگو قويۇشى رۇسىيە ئىقتىسادىغا جىددى تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، پۇتىن غەربكە تاقابىل تۇرۇشتا خىتاي بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسى قوللانماقتا ئىكەن.