ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئۆتكەن شەنبە كۈنى، يەنى 10-ئىيۇن ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، 5 سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغان. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بلىنكېن سۆھبەتتىن كېيىن خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بلىنكېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋاڭ يىغا خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئېنىق تاجاۋۇزچىلىق بولغاندا بىتەرەپ دەيدىغان نەرسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بلىنكېن يەنە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا رۇسىيە (پرېزىدېدېنتى) ۋلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون قىلىشى، بېيجىڭنىڭ موسكۋانى قوللاۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان بىر يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆبەتتە ھەر ئىككى تەرەپ كەينىگە يانمىغان بولسىمۇ، بىراق سۆھبەت سەمىمىي، كەسپىي ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغان. سۆھبەتتە بلىنكېن ۋاڭ يىغا ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى رىقابەت خاراكتېرلىك، دەپ قارايدىغانلىقى، بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىدىن ئامېرىكانىڭ نۇقتىئىنەزەرىنى شەرھىيلىگەن.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپ سۆھبەتنىڭ «ئىجابىي» بولغانلىقى، قارشى تەرەپنى «خاتا مۆلچەرلەش» تىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سابىق پرېزىدېنت ترامپ پەيدا قىلغان «قىيىنچىلىقلار» دىن كېلىپ چىقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە يەنە بىلىنكېننىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىك، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسى ۋە شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئوخشاش تالاش-تارتىشتا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ۋاڭ بىلەن «ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، شۇنداقلا خەتەرنى كونترول قىلىش ۋە ئازايتىشنىڭ يوللىرى» نى سۆزلەشكەن. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، بلىنكېن يەنە ۋاڭ يىغا «ھازىر خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا پورتلىرىنى قامال قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پاراخوتلارنىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىغا يول قويۇشقا چاقىرىش ۋاقتى كەلگەنلىكى» نى ئېيتقان.