ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا شىمالىي قۇتۇپ رايونى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا
خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» 23-ئىيۇل ئېلان قىلغان خەۋەردە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدىن مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان يۈزلىگەن ھەربىي ئورۇننى قايتىدىن ئاچتى. ئۆزىنى «شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن» دۆلەت دەپ يۈرگەن خىتايمۇ ئۇ يەردە ‹شىمالىي قۇتۇپ يىپەك يولى› بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كىلىماتنىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز دائىرىسى كىچىكلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ يەردە كان بايلىقى قېزىش ۋە يېڭى سۇ يولى ئېچىشقا كۆز تىكمەكتە».
دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىشى، شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇزلارنىڭ ئېرىشى بىلەن، سۇ يولى ئۇزارغان. نەتىجىدە، تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز يولى ئېچىلىشقا باشلىغان. رۇسىيە بۇ يول ئارقىلىق غەربنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ، خىتايغا تېخىمۇ كۆپ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يەتكۈزمەكچى بولغان؛ خىتاي بولسا خىتاي-رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپ تىرانسپورت لىنىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مالاككا بوغۇزىغا تايىنىشنى ئازايتماقچى بولغان. ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندە ئۇرۇش بولۇپ قالسا، ھىندى ئوكيان توشۇش لىنىيەسىگە تايىنىش خىتايغا پايدىسىز بولغاچقا، خىتاي شىمالىي قۇتۇپتىن چىقىش يولى ئىزدىمەكتە ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئايدا ئامېرىكا، كانادا ۋە فىنلاندىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇپ، مۇز يارغۇچى پاراخوت ياساپ، ئىستراتېگىيەلىك قۇتۇپ رايونلىرىدا رۇسىيە بىلەن خىتايغا قارشى تۇرماقچى بولغان.