رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلىشىپ ھەر يىلى دېگۈدەك ئۆتكۈزىدىغان «تىنچلىق بۇرچى» دەپ ئاتالغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلاندى. «تىنچلىق بۇرچى 2013 - يىلى» دەپ ئاتالغان تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى سانائەت بازىلىرىدىن بىرى بولغان چېلىيابىنسكىي ئوبلاستى تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا خىتاي تەرەپ، قۇرۇقلۇق، تانكا، ھاۋا قىسىملىرىنىڭ 600دىن ئارتۇق جەڭچى ۋە ئوفىتسېرىنى، رۇسىيە تەرەپ 600 جەڭچى - ئوفىتسېرىنى ئىشقا سالىدىكەن.
مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان جۇڭگو ھەربىي خادىملىرى ئۇيغۇر دىيارى ۋە مانجۇرىيە ئارقىلىق رۇسىيىدىكى مانېۋىر رايونىغا قاراپ يولغا چىقىپ، كۆزلىگەن جايلارغا يېتىپ بارىدىغان بولۇپ، بىرلەشمە مانېۋىر 27 - ئىيۇلدىن 15 - ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن.
مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان جۇڭگو قوشۇنلىرىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ رۇسىيە تەۋەسىگە كىرىدىكەن، باشقا قوشۇنلار ۋە ئېغىر قوراللار تۆمۈر يول ئارقىلىق مانجۇرىيە ئارقىلىق توشۇلىدۇ.
تېخى يېقىندا رۇسىيە بىلەن جۇڭگو شەرقىي دېڭىز رايونىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.